ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە رەھبەرلىرى خىتاينىڭ كېڭىيىشى، شىمالىي كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان تەھدىتى قاتارلىق جىددىي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە بىرلىككە كەلدى.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا 21-يانۋار تور سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 90 مىنۇتقا يېقىن داۋاملاشقان تور يىغىنىدا ئىككى تەرەپ خىتاينىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا قوشۇلغان ھەمدە شىمالىي كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىگەن. بايدېن يەنە ياپونىيەنى قوغداش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.
جۈمە كۈنىدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن بايدېن تىۋىتتېر ھېساباتىدا ئۇچۇر يوللاپ: «ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھىندى-تىنچ ئوكيان ۋە يەر شارى تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ ئۇل تېشى» دېگەن ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلى ئامېرىكا-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تىرامپ ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيا بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن.
سۆھبەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيچىلىك ھەمدە بۇ رايوننى ئەندىشىگە سالغان خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك خىرىسلىرىغا مەركەزلەشكەن. بايدېن بىلەن كىشىدا خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە سالغان تەھدىتلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئاقساراينىڭ يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىككى رەھبەر خىتاينىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئەسلىي ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇرۇشنى قارار قىلدى ھەمدە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى» دېيىلگەن، شۇنداقلا بايدېن بىلەن كىشىدانىڭ يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، بايدېن بىلەن كىشىدا خىتاي توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرغان بولۇپ، خىتاي تەھدىتى، سودا ۋە باشقا رايونلاردىكى قوشنىلىرىغا قاراتقان تالان-تاراج قىلمىشلىرىدىن ئورتاق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ يادرو قورال ئامبىرىنىڭ كېڭىيىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
فۇمىئو كىشىدا تور يىغىندىن كېيىن مۇخبىرغا: «بىز ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە ئەركىن-ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە قوشۇلدۇق» دېگەن.
بايدېن بىلەن كىشىدانىڭ تور سۆھبىتىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ: «ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا رەھبەرلىرى تور يىغىنىدا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى يامان غەرەزلىك ھالدا چۈشەندۈرۈپ، خىتايغا ئاساسسىز ھۇجۇم قىلدى. خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارانىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلدى. بىز بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىمىز ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دەپ جار سالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ