ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكى سەۋەبلىك قىسمەن ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى چېكىندۈردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 24-يانۋار رۇسىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە قارىتا، ئۇكرائىنا پايتەختى كىيىۋدىكى بىر قىسىم خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تىۋىتتېر ھېسابىدا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇكرائىنادىكى ئەلچىخانىنىڭ يەنىلا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، ئالاقىدار مۇھىم خىزمەتلەرنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ ھەربىي تەھدىتى سەۋەبلىك، ئۇكرائىنادىكى دىپلومات خادىملىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىن بالدۇرراق ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تەھدىتى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى رۇسىيەنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ كىرسە، ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ