خىتاي 39 كۈرەشچى ئايروپىلان بىلەن تەيۋەن ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلدى

دۇنيا رۇسىيە-ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى كىرىزىسقا مەركەزلەشكەن بىر پەيتتە، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىمۇ كىرىزىس كۆرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ زور تۈركۈمدىكى كۈرەشچى ئايروپىلانى تەيۋەن تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.

ساباھ گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئۆتكۈزگەن مانېۋىردىن كېيىن، خىتاي قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ھەيۋە كۆرسەتكەن بولۇپ، تۈنۈگۈن 39 كۈرەشچى ئايروپىلانى بىلەن تەيۋەننىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. تەيۋەن ئارمىيەسى خىتاينى ئاگاھلاندۇرغان ۋە ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغان.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ 39 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ 24-يانۋار تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇب ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا ۋە ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى شەنبە كۈنى فىلىپپىندا كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر ئۆتكۈزگەنىدى.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتىدا: «خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 39 ئۇرۇش ئايروپىلانى تەيۋەننىڭ ADIZ رايونىغا كىردى، تەيۋەن ئارمىيەسى بۇنىڭغا جاۋابەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى ھەمدە ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇردى. مىنىستىرلىق بۇنىڭ بۈگۈنگە قەدەر يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى» دېيىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىغا قارىتا بېرىلگەن پوپوزا قىلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 798 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2022 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق