خىتايلار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق سۆز-چۆچەك تارقىتىپ، قازاقىستاننىڭ مۇھىم شەھىرى بولغان ئالمۇتانىڭ ئەسلى خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلماقتا.
بىر نەچچە كۈن بۇرۇن خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى تىك توكتا بىر سىن تارقالغان بولۇپ، مەزكۇر سىندا خىتايلار ئالمۇتا شەھىرىنىڭ قازاقىستاننىڭ ئىلگىرىكى پايتەختى ئىكەنلىكى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكى، ئەمما كېيىنكى دەۋرىدە ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا تاڭ سۇلالىسى مەغلۇپ بولغانلىقتىن، ئالمۇتانىڭ ئەرەبلەر تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغانلىقى، كېيىن چىڭ سۇلالىسى ئالمۇتانى يەنە قايتۇرۇۋالغانلىقى، فىرانسىيە-ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى يۈەنمىڭيۈەن باغچىسىنى كۆيدۈرگەن دەۋرلەردە، ئالمۇتانى قايتا بۆلۈۋالغانلىقى ھەققىدە بىلجىرلىغان.
مەزكۇر سىن 400 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بولغان بىر ھېسابتا تارقىتىلغان بولۇپ، سىندا يەنە ئالمۇتانىڭ بۇرۇن «ئاكېنتې» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، بۇ رايوننىڭ شەھەر مەركىزىدىن ئاتالمىش «خىتاي چېگراسى»غا، يەنى شەرقىي تۈركىستانغا 200 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى، شاڭخەي بىلەن خاڭجۇنىڭ ئارىلىقىدەك مۇساپە بار ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان ۋە ئالمۇتانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پۇل-مۇئامىلە، مەدەنىيەت مەركىزى، شۇنداقلا قازاقىستان بويىچە نوپۇسى ئەڭ زىچ بىر رايون ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاينىڭ مۇشۇنداق مۇھىم شەھەرنىڭ ئەسلى ئىگىسى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان.
بۇ خىتاي شوۋىنىستلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدە قالايمىقان بىلجىرلىشى ئەمەس بولۇپ، بۇلتۇر خىتايلار تىك توك سۇپىسىدا سىن تارقىتىپ، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت خىتاينىڭ بىر قىسىمى ئىدى» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. خىتايلار بۇ ھەقتىكى سىندا: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان... قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ تىلى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، سىز ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنسىڭىز بەش دۆلەتكە بىمالال بارالايسىز. چۈنكى تاڭ، يۈەن، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مەزكۇر بەش دۆلەت خىتاي تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسىمى ئىدى. شائىر لى بەي قىرغىزىستاندا تۇغۇلغان» دەپ بىلجىرلىغانىدى. ئۇندىن باشقا 2020-يىلى خىتاي تور بېكەتلىرىدە يەنە «قازاقىستان نېمە ئۈچۈن ۋەتەن قوينىغا قايتمايدۇ؟» سەرلەۋھەلىك يازما تارقىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى يۇتۇۋېلىشتەك رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئاخىرىدا قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر يازمىلار تور بەتلەردىن ئۆچۈرۈلگەنىدى.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتايلار تۈركىي مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان كەمسىتىش قىلمىشلىرى ئارقىلىق كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىدىن شەپە بېرىشكە باشلىغان. قازاقىستاندىكى خىتاي كۆپ شەھەرلەردە، بولۇپمۇ خىتاي قۇرغان زاۋۇت-كارخانىلاردا يەرلىك خەلقنى كەمسىتىدىغان، ئۇرىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىشكە باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «خىتايغا نىسبەتەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەر قۇشخانىدىكى قويلاردەك بولۇپ قالدى. خالىسا ئۇرىدۇ، خالىسا كەمسىتىدۇ. بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتكە شىكايەت قىلساق، شىكايىتىمىزنى ئاڭلىغىلى ئادەم تاپقىلى بولمايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەنىدى. بۇ سەۋەبلىك ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە خىتايغا قارشى كەيپىياتمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان.
كۆزەتكۈچىلەر ھەربىر ئۇچۇر قاتتىق كونترول قىلىنىدىغان خىتايدا بۇ تۈردىكى پىكىرلەرنىڭ تور دۇنياسىدا تارقىلىشىنىڭ ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە خىرىس قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا قاتتىق ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ