تاجىكىستان بىلەن قىرغىزىستان چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۈچ تاجىكىستان ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
سىپاتنىك ئاگېنتلىقىنىڭ 27-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قىرغىزىستان چېگرا بىخەتەرلىك ئىدارىسى قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان چېگرا قوغدىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
قىرغىزىستان چېگرا بىخەتەرلىك ئىدارىسى توقۇنۇشنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئىسفانا ۋە باتكېن شەھەرلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيولنىڭ تاجىكىستان تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەنلىكى سەۋەبلىك چىققانلىقىنى، تاجىكىستان تەرەپنىڭ قول بومبىسى ۋە مىناميوت ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تاجىكىستان چېگرا بىخەتەرلىك ئىدارىسى بولسا قىرغىزىستاننىڭ تۇنجى بولۇپ ئوق چىقارغانلىقىنى ۋە تاجىكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ چېگرا رايونىغا بېرىپ جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقى، ئەمما چېگرادا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلگەنلىكى ۋە ئىككى دۆلەتتىن كەلگەن بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى يەنە چېگرا رايونىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرگەنلىكىنى، قىرغىزىستاننىڭ ئىسفانا شەھىرى سومونىيون يېزىسىدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى (CSTO) باياناتچىسى ۋىلادىمىر زەينېتدىنوف ئىككى تەرەپنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرغان بولۇپ، ئۇ تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ تاجىكىستان بىلەن قىرغىزىستان بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپلىرى بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى ۋە ئىككى تەرەپنى چېگرادىكى ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، توقۇنۇشتا بەش كىشى يارىلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى چېگرا قوغدىغۇچىسى ئىكەن. قىرغىزىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى تاجىكىستان چېگراسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشتا يارىلانغان قىرغىزلارنىڭ يەتتىگە كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
نۆۋەتتە قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى تاجىكىستان ئارمىيەسىنىڭ چېگرادا ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى داۋاملىق يىغىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. تاجىكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىمۇ قىرغىزىستاننىڭ چېگرا رايوندا ھەربىي قىسىم ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى دۆۋىلەپ قويغانلىقىنى، شۇنداقلا قىرغىزىستاننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ تاجىكىستاننىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى قىرغىزىستاننىڭ باتكېن رايونى ۋە تاجىكىستاننىڭ سوغدى رايونىنىڭ ۋالىيلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاننىڭ چېگراسى تەخمىنەن 990 كىلومېتىر بولسىمۇ، تالاش-تارتىشتىكى چېگرا رايونلىرى سەۋەبلىك، ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى بىلەن چېگرا قوغدىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا پات-پات قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر