خىتاي ب د ت ئەمەلدارىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى شەرتلىك زىيارەت قىلىشىغا قوشۇلدى

خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قىشلىق ئولىمپىكتىن كېيىن زىيارەت قىلالايدىغانلىقىنى، ئەمما تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت 2018-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى توسالغۇسىز زىيارەت قىلىش توغرىسىدا سۆھبەت باشلىغان بولۇپ، ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغانىدى.

جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ 27-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكقا ساناقلىق كۈنلەر قالغاندا، مىشېل باچېلېتنىڭ ئولىمپىكتىن كېيىنكى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىغا قوشۇلغان. ئەمما بۇرۇنقى ئىبارىلىرىنى قايتا تەكرارلاپ، بۇ زىيارەتنىڭ «دوستانە» بولۇشى، تەكشۈرۈش مەقسىتىدە بولماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەنبەلەردىن بىرى خىتاينىڭ باچېلېت ۋە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس بىلەن يېقىنقى بىر نەچچە قېتىملىق مۇزاكىرىدىن كېيىن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى يېرىم يىلدا باچېلېتنى كۈتۈۋېلىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە خىتاينىڭ دەل بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن بۇ قارارنى چىقىرىشىدىكى مەقسىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئولىمپىكتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىشىنى تەلەپ قىلىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، بەزى مەنبەلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بېيجىڭ باچېلېتتىن ئولىمپىكتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار دوكلات ئېلان قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

باچېلېتنىڭ باياناتچىسى 12-ئايدا مەزكۇر دوكلاتنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى 18-يانۋار ئوچۇق خەت يېزىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

خىتاي بۇندىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، ئەمما «جىنايەت بېكىتىش» خاراكتېرلىك تەكشۈرۈشكە يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىپ كەلگەن. شۇنداقلا زىيارەت ئۈچۈن بارغان ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە دىپلوماتلارنىڭ پەقەت ئالدىن تەييارلاپ قويغان چەكلىك ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىشىغىلا رۇخسەت قىلغان.

نۆۋەتتە باچېلېتنىڭ ئىشخانىسى خىتاينىڭ بۇ تەلىپىگە تېخى ئىنكاس قايتۇرمىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 927 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2022 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق