خىتاي ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە ئىنكاس بىلدۈردى.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى 28-يانۋار ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەنبەلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ب د ت دىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلماي تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بېرىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، ئەمما زىيارەتنىڭ مەقسىتى تەكشۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىشى، سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن قوللىنىلماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ لىجيەندىن خىتاي تەرەپنىڭ ب د ت نىڭ زىيارىتىگە شەرت قويۇپ، ئولىمپىك مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستان دوكلاتىنى ئېلان قىلماي تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما جاۋ لىجيەن بۇ سوئالغا بىۋاسىتە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا خەلقنىڭ باياشات، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقى، خىتاي تەرەپنىڭ ئۆزىگە قارا سۈركەيدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە قارشى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى خىتاينىڭ زىيارەتكە رۇخسەت قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن بولۇپ، ئۇ مەزكۇر زىيارەتنىڭ رېئال ئەھمىيىتى بولۇشى كېرەكلىكىنى، ب د ت ھەيئىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر تۈركۈم ئورۇن ۋە شەخسلەرنى خىتاينىڭ نازارىتىسىز زىيارەت قىلالىشى كېرەكلىكىنى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزەلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 2018-يىلىدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ھەققىدە خىتاي بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە خىتاي ھەر خىل يولسىز شەرتلەرنى قويۇپ تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 915 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2022 12:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق