ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بويىچە ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بويىچە ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش پائالىيىتى 28-يانۋار ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

تەربىيەلەش كۇرسىنى ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى قېتىملىق تەربىيەلەش كۇرسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى رەئىسى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، مەزكۇر كۇرسنى ئېچىشتىكى مەقسىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ياشلارغا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى پېشقەدەملەرنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

كۇرسنىڭ ئېچىلىش يىغىلىشىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد، ئىلى مەشرىپى ۋەقفى رەئىسى قۇدرەت غۇلجا، تەكلىماكان نەشرىياتى رەئىسى ئابدۇجېلىل تۇران، كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل ۋەكىلى رەجەپ ۋارۇلبەي، ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر، ئەنگلىيەدىن كەلگەن دوكتور سالمان بۇت شۇنداقلا كۇرستا لېكسىيە سۆزلەيدىغان ئاكادېمىكلارغا ۋاكالىتەن مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور، دوكتور گىيار سارنۇر دەرمان خانىم قاتارلىقلار سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزلىرىدە كۇرسنى ئورۇنلاشتۇرغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، كۇرسنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كېلىشىدە ئۈنۈملۈك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

مەزكۇر كۇرس ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن پىروفېسسورلار، ژۇرنالىستلار شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەيدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1280 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2022 16:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق