تەشكىلاتلار بىرلىكى مالايشىيانىڭ سابىق مىنىستىر مەسلىھەتچىسىنى كۈتۈۋالدى

مالايشىيا بەيتۇلئامانەھ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى، سابىق مىنىستىر مەسلىھەتچىسى دوكتور ئابدۇرازاق 31-يانۋار خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

مالايشىيادىن زىيارەت ئۈچۈن كەلگەن دوكتور ئابدۇرازاق ئەپەندىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر كۈتۈۋالدى.

كۆرۈشۈشتە دوكتور ئابدۇرازاققا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتى تونۇشتۇرۇلدى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش، بۇ ساھەدە قانداق ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

دوكتور ئابدۇرازاق مالايشىيادىكى بەيتۇلئامانەھ (Bait Al Amanah) تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى مالايشىيا ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى بولغان. ئۇندىن باشقا باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىنىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 727 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2022 17:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق