خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق ئەمەلدارلىرىغا قارىتا دەۋا ئېچىش ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 1-فېۋرال ئىستانبۇل توپكاپى مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا تەشكىللەنگەن بولۇپ، پائالىيەت شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلق ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇش، تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى.

ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى رەئىسى سالىھ خۇدايارنىڭ سىنلىق نۇتقى قويۇلدى. ئارقىدىن تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق ۋە ياردەم جەمئىيىتى رەئىسى خالىد قاناق بىرلەشمە باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆلچىمىگە چۈشىدىغانلىقى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى سەۋەبلىك جازاغا تارتىلىشى كېرەكلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن دەۋا سېپىدىكىلەر خەلقئارا قانۇندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى، ھەرىكەتلىرىنى تەرتىپلىك داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە خىتاي ھەققىدە خەلقئارا سوت كوللېگىيەسىگە سۇنۇلغان دەۋانىڭ نۆۋەتتىكى تەرتىپ-باسقۇچلىرى تونۇشتۇرۇلدى. يىغىندا يەنە گۈلدەن سۆنمەز خانىم «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشتا قانۇنىي كۈرەشنىڭ ئەھمىيىتى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1110 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2022 17:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق