ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاخىرلاشتى

ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئىستانبۇلدا ئورۇنلاشتۇرغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى 30-يانۋار مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

ئىككى كۈن داۋاملاشقان كۇرسقا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى، ھاجى بەكتاشۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلاردىن پىروفېسسورلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار «مېدىيا ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»، «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ سەۋەبلىرى»، «خىتاينىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاش سىياسىتى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى»، «ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تارىخىي باسقۇچلىرى»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى» قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىگەن. كۇرسقا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 30 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلار لېكسىيە ئاڭلىغاندىن سىرت، تۈرلۈك تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەن.

كۇرسقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار بىردەك شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تارىخى، ئۇسۇل-تەجرىبىلىرى ھەققىدە مول بىلىمگە ئېرىشكەنلىكىنى، بۇ خىل كۇرسلارنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى يېتەكلەشتە زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىرگە تەۋەككۈل قىلىشنىڭمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا خەلقنىڭ تەشكىلاتلىرىنى قوللىشى كېرەكلىكىنى، تەنقىد ۋە تەكلىپلىرىنى توغرا ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭمۇ خەلقنىڭ ئىجابىي پىكىر-تەكلىپلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى، دەۋا ساھەسىدە ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەرنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەسلىك، بىرلىكنى ساقلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

29-يانۋار ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى رەئىسى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى يەنە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېف فىلايكنى زىيارەت قىلغان. ئۇلارنى باش ئەلچى جېف فىلايك بىلەن ئايالى شېرىل فىلايك قوبۇل قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1074 قېتىم كۆرۈلدى
02/02/2022 09:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق