تەشكىلاتلار بىرلىكى كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۈگۈن كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى.

يىغىنغا بىرلىككە ئەزا ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، پائالىيەت ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللامنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان 2022-يىلى كىرگەندىن بۇيان قىلىنغان مۇھىم خىزمەتلەر ھەققىدە دوكلات بەرگەندىن كېيىن، نۆۋەتتىكى كۈنتەرتىپ ۋە جىددىي ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارغا يوليورۇق بەردى.

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا نۆۋەتتە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە دەۋانىڭ يۆلىنىشىنى بۇرىماقچى بولغانلارغا قارىتا ئىشلەنگەن ۋە ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر ھەققىدە توختالدى.

يىغىندا يەنە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان 5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت ۋە نامايىشنىڭ بۇ يىل خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ 4-فېۋرال باشلىنىدىغانلىقى سەۋەبلىك، ھەم غۇلجا قەتلىئامى، بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىغا قارشى نارازىلىق نامايىشىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغانلىقى، 4-فېۋرال خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ پۈتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلۇپ، خىزمەت تەقسىماتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يىغىندا يەنە تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا بارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا 8-مارت دۇنيا ئاياللار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز-ئاياللارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى باش كۈنتەرتىپ قىلغان ھالدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەت ۋە بۇ يىل ماي ئېيىدا ياۋروپادا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1294 قېتىم كۆرۈلدى
02/02/2022 15:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق