ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى

1997-يىلى 5-فېۋرال يۈز بەرگەن غۇلجا قەتلىئامىنى خاتىرىلەش ۋە بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى.

مەزكۇر نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن تەشكىللەنگەن بولۇپ،  4-فېۋرال (جۈمە) سائەت 11 گە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئەسلىدە ھەر يىلى غۇلجا قەتلىئامىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان نامايىش 5-فېۋرالغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ 4-فېۋرال باشلىنىدىغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ يىل ھەم غۇلجا قەتلىئامىنى خاتىرىلەش، ھەم بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىنى بىرلەشتۈرۈپ 4-فېۋرال ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان.

مەزكۇر نامايىش يەنە تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ ۋە قەھرىمانماراش ۋىلايىتىدىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، نامايىشقا قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن ئاپتوبۇس ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىتاب قىلىپ، مەزكۇر نامايىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشقا، خىتايغا قارشى غەزەپ-نەپرىتىنى بىلدۈرۈشكە چاقىردى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1247 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2022 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق