مالايشىيا ئىسلام تەشكىلاتى ۋەكىلى تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

مالايشىيادىكى ئىسلام تەشكىلات «مالايشىيا مەسلىھەت كېڭىشى»نىڭ، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مالايشىيا فوندى»نىڭ ۋەكىلى زۇھرى يۇھيى 3-فېۋرال خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

مالايشىيادىن زىيارەت ئۈچۈن كەلگەن زۇھرى يۇھيىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەمىن، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىدىن ئادىلجان مۇھەممەدئوغلى قاتارلىقلار كۈتۈۋالدى.

كۆرۈشۈشتە زۇھرى يۇھيى ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتى تونۇشتۇرۇلدى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى مالايشىيادا قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش، بۇ ساھەدە ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ھەمكارلىشىشنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە زۇھرى يۇھيى ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە بۇيۇم تەقدىم قىلىندى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1191 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2022 15:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق