تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۈچ كۈنلۈك ساياھەتكە تەشكىللىدى

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە كۈلتۈر جەمئىيىتى قارمىقىدىكى تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىلىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشى، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىغا جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن كىرىشىنى نىشان قىلغان ئاساستا، ئۈچ كۈنلۈك ساياھەت پائالىيىتى تەشكىللىدى.

1-فېۋرال باشلانغان ئۈچ كۈنلۈك ساياھەت پائالىيىتىگە تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە ئانا تىل دەرسىگە قاتنىشىۋاتقان 25 قىز ئوقۇغۇچى قاتناشتى. ساياھەت تۇنجى كۈنى بۇرسا ھايۋاناتلار باغچىسىدىن باشلانغان بولۇپ، ساياھەت كۈنتەرتىپى بويىچە ئوقۇغۇچىلار «قۇرئانى كەرىم ۋە خەتتاتلىق مۇزېيى»، «ئۇلۇغ جامى»، «سائەت قەلئەسى» ۋە «ئىرگاندا كۆۋرۈكى» قاتارلىق تارىخىي، ساياھەت ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلدى.

ساياھەتنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئوقۇغۇچىلار ئۇلۇغتاغدا قار تېيىلىپ ئوينىدى ۋە پانوراما مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى. مۇزى زىيارىتىگە بۇرسا ئوسمانۈازى رايونىنىڭ ۋالىسى مۇستافا دۈندار ئەپەندى ساھىبخانلىق قىلدى.

پائالىيەتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئوقۇغۇچىلار بۇرسا شەھىرى ئوسمانغازى رايونىنىڭ ۋالىي ياردەمچىسى جەم كۈرشات ھەسەنئوغلى ۋە ئۇلۇغتاغ ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، ئۇيغۇر مىللىي ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ تۈركىيە ئىچى-سىرتىغا تونۇلۇشىدا تۆھپىسى بولغان دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلار ئۇلۇغتاغ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۇتۇپخانىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن شانلىق تارىخى بىلەن تونۇشتى. جەم كۈرشات ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارغا مەدەت بېرىپ: «ئۇيغۇر مىللىتى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ كەلگۈسى سائادىتى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا. سىلەرنىڭ پارلاق كېلەچىكىڭلار تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ غەلىبىسى» دېدى.

ئوقۇغۇچىلار بۇ قېتىملىق ساياھەتتىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق بەلگىلىك دەرىجىدە تارىخ، مەدەنىيەت ۋە دىنىي بىلىملەرگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1125 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2022 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق