ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئىككى دۆلەتتە مۇھىم پائالىيەتلەرنى قىلدى

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى 31-يانۋاردىن 2-فېۋرالغىچە بېلگىيە ۋە گوللاندىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم پائالىيەتلەرنى قىلدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى رەئىسى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى 31-يانۋار گوللاندىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، زىيارەتكە مۇلدېر، رۇبىن بىرېكېلمانس قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.

ئۇلار ئۇچرىشىشتا مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ھەمكارلىشىش ئۈچۈن گوللاندىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى خىزمەت پىلانلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

ئۇلار 31-يانۋار گوللاندىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، 1-فېۋرال كەچتە بېلگىيەدىكى پائالىيىتىنى باشلىغان. تۇنجى پائالىيەت «ھەدەم قەيەردە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئارقىدىن ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق فوندى تەرىپىدىن بېريۇسسېل ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

«ھەدەم قەيەردە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانلىق قىلىشىدا قويۇلغان بولۇپ، مۇراسىمدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا روشەن ئابباس خانىم ۋە ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى، «ھەدەم قەيەردە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ رېژىسسورى جاۋاد نېر، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ رەئىسى مۇراد سېيرەك قاتارلىقلار مۇخبىرلارنىڭ مەزكۇر فىلىم ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا يەنە لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە بېلگىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ساموئىل گوگولاتى قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ئىككى كۈنلۈك پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇشتا ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا كەلگەن مۇخبىرلارغا نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى، «ھەدەم قەيەردە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ «ياۋروپا خەۋەرلىرى» قانىلىدا ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، گېرمانچە، فىرانسۇزچە، ئىسپانچە ۋە رۇسچە قاتارلىق تىللاردا تارقاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1309 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2022 19:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق