ئەنقەرەدە جازا لاگېرى ھەققىدە يېزىلغان تۈركچە رومان تونۇشتۇرۇلدى

ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىدە تۈرك يازغۇچى ۋىلدان سەردار خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يازغان يېڭى رومانى تونۇشتۇرۇلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 20-فېۋرال ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىدە تۈرك يازغۇچى ۋىلدان سەردار خانىم يازغان «تۇركۇئاز كۆز يېشى» ناملىق روماننى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە ۋىلدان سەردار خانىم، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر، جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇلكەرىم كۇچار، دوكتور ئەركىن ئەمەت، ژۇرنالىست مىركامىل كاشىغەرىي، سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتىدىن ئۇستاز مۆمىنجان سىدىق قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.

مەزكۇر روماندا خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش جىنايەتلىرى تەسۋىرلەنگەن.

ھەيئەت پائالىيەت داۋامىدا يازغۇچى ۋىلدان سەردار خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىيە ۋە خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ ئەسەرنى روياپقا چىقارغانلىقىغا شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدىن رەھمىتىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ۋىلدان سەردار خانىمغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن رامكا ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان كىتاب تەقدىم قىلدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە تۈرك، ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۈركچە ئەسەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنماقتا. جۈملىدىن دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى تەييارلىغان ئوغۇزنامە داستانىنىڭ ياپونچە، ئۇيغۇرچە، تۈركچە ئۈچ تىلدىكى سېلىشتۇرما ئەسىرى يېقىنقى كۈنلەردە نەشردىن چىقىپ، سېتىلىشقا باشلىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1399 قېتىم كۆرۈلدى
21/02/2022 14:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق