كونيادا دۇنيا ئانا تىل كۈنى ئالاھىدە كۈتۈۋېلىندى

21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، كونيادىكى ئۇيغۇر جامائىتى «ئېلىپبەنى تۈگەتتىم» تېمىسىدا ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

پائالىيەتنى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ كونيا شۆبىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مارشى ئوقۇلدى.

كونيادىكى شەرقىي تۈركىستان ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، تىلنىڭ بىر مىللەتكە نىسبەتەن خاسلىق ۋە ئاللاھ ياراتقان بەلگىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئانا تىلنى ياخشى ئۆگىنىش خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەۋاتقان بىر پەيتتە ئالاھىدە مۇھىم بولغاندىن باشقا، ئانا تىلنى ئۆگىنىشنىڭ ئەقىدىنى ساقلاپ قېلىشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ كونيا شۆبىسى رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاساسىي نىشان قىلغان ھالدا ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، كونيا شۆبىسىنىڭمۇ مۇشۇ نىشان ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتكە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ قارىممۇ ئىشتىراك قىلىپ، ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ ئانا تىلنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇزۇن مەزگىل تۇرغانلىقىنى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى سەئۇدىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇپ ئەرەبلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغىمۇ قاتناشمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلنى ياخشى ئۆگىتىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەتتە ئۆسمۈرلەر «ئانا تىلىم» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، «ئانا تىل - ئەجدادىمىزنىڭ تىلى» ناملىق ئېتۇت، «ئانا» ناملىق ناخشا، «ئەجداد سورىقى» ناملىق دىراما قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، ئانا تىلىغا بولغان سۆيگۈسىنى، ئانا تىل ئۆگىنىش ۋە قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى نامايان قىلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1530 قېتىم كۆرۈلدى
22/02/2022 12:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق