تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇلدىكى تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى ئانا تىل ئۆگىنىش ۋە ئانا تىلنى قوغداشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ ئالاھىدە كۈننى خاتىرىلەش پائالىيىتى تەشكىللىدى.

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى قارمىقىدىكى تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى تەشكىللىگەن بۇ پائالىيەت 21-فېۋرال كەچتە ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئاق دېڭىز سالونىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت ئالدى بىلەن ئۆسمۈرلەرنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە دۆلەت مارشى ئوقۇلدى.

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى چەكلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئانا تىل ئۆگىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى ئۆگىتىشىنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى شەمشىنۇر ئۆز ئۇيغۇر خانىم نۆۋەتتە داۋام  قىلىۋاتقان ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ نىشانى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى، شۇنداقلا مەركەزدىكى ئانا تىل، قۇرئان كەرىم سىنىپلىرىنىڭ كۈندىلىك ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

پائالىيەتتە ئېلىپبە قوشىقى ئوقۇش بىلەن نومۇرلىرىنى باشلىغان ئۆسمۈرلەر «ۋەتەن»، «ئىللىق قۇياش»، «بىز ئۇيغۇرنىڭ بالىلىرى»، «ئانا تىلىم»، «جان دوست-ئاداش بولايلى»، «يۇرتۇمنى بەك سېغىندىم»، «ئانا تىلدا سۆزلىگىن» قاتارلىق شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، ئانا تىل سۆيگۈسىنى ئىپادىلىدى.

ئۇندىن باشقا ئۆسمۈرلەر يەنە «ئۆردەك بىلەن خوراز» ناملىق مەسەلنى، «ئاقكۆڭۈل ئۆردەك» ناملىق ئېتۇتنى ئورۇنداپ، پائالىيەتنىڭ كەيپىياتىنى جانلاندۇردى. ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا كىتاب ۋە تەقدىرنامە تەقدىم قىلىندى.

ب د ت نىڭ مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى 1999-يىلى ھەر يىلى 21-فېۋرالنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، 2000-يىلىدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپ خىل تىل، كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنى قوللاش مەقسىتىدە «دۇنيا ئانا تىل كۈنى»نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1361 قېتىم كۆرۈلدى
22/02/2022 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق