«مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى» تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

گېرمانىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىسلام جامائىتى «مىللىي گۆرۈش»  تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كامال ئەرگۈننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت 22-فېۋرال خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

مېھمانلارنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار قاتارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى كۈتۈۋالدى.

كۆرۈشۈشتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خەلقئارادا تېخىمۇ كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە ھەمكارلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى ھەيئىتى ئارقىدىن يەنە شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى (ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى)نى زىيارەت قىلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1376 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2022 15:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق