دۇنيا ئاياللار كۈنىدىكى زور كۆلەملىك يۈرۈش پائالىيىتىگە چاقىرىق

8-مارت دۇنيا ئاياللار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ ئاۋات رايونىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە، جۈملىدىن قىز-ئاياللارغا قاراتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك يۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

«كۆك يۈرۈش» ناملىق مەزكۇر يۈرۈش پائالىيىتىنى شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، IHH ياشلار شۆبىسى، ئسىتانبۇلدىكى ئاياللار جەمئىيەتلىرى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىززەت-ئابرۇيلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان قىز-ئاياللارنىڭ پەريادىنى دۇنياغا يەتكۈزۈش، خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يۈرۈش پائالىيىتى 8-مارت كەچ سائەت يەتتىدە باشلىنىدىغان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى فاتىھ جامەسىدىن بەيازىت جامەسىگىچە يۈرۈش قىلىنىپ، بەيازىت مەيدانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بارلىق تەشكىلاتلار ئىستانبۇلدىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم – قىزلارنى بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1280 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2022 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق