دۇنيا ئاياللار كۈنىدە تۈركىيەدە خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك يۈرۈش ئۆتكۈزۈلدى

8-مارت دۇنيا ئاياللار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ 60 نەچچە ۋىلايەت-شەھىرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە، جۈملىدىن قىز-ئاياللارغا قاراتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكلىرىگە قارشى زور كۆلەملىك يۈرۈش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

«كۆك يۈرۈش» تېمىسىدىكى مەزكۇر يۈرۈش پائالىيىتىنى شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى (IHH) ياشلار شۆبىسى ۋە تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئاياللار جەمئىيەتلىرى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىززەت-ئابرۇيلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان قىز-ئاياللارنىڭ پەريادىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش، خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىش مەقسەت قىلىندى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن يۈرۈش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ۋە تۈرك خانىم-قىزلاردىن بولۇپ ئىككى مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى. زور كۆلەملىك يۈرۈش 8-مارت كەچتە شام نامىزىدىن كېيىن فاتىھ جامەسىدىن يولغا چىقىش بىلەن باشلاندى. كۆك ياغلىق، كۆك شارپا ئارتىۋالغان نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى، «شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز-ئاياللار چېكىۋاتقان زۇلۇمغا توختا دېگىن» دەپ يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتايغا قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ، فاتىھ ئاسمىنىنى زىلزىلىگە سالدى. يۈرۈش ساراچخانا باغچىسى ئالدىدا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نامايىشچىلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، يانفون چىراغلىرىنى يورۇتۇپ بىر نەچچە مىنۇت شوئار توۋلىدى ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان قىز-ئاياللارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن خىتايغا قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بايانات ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ باياناتىدا 8-مارت دۇنيا ئاياللار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز-ئاياللارغا ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە جىنايەتلەرگە قارشى بۇ يەرگە جەم بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ تۈرلۈك جىنايەتلىرىنىڭ دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ باياناتىدا خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز-ئاياللارغا قاراتقان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، جازا لاگېرلىرىدا كوللېكتىپ ئاياغ-ئاستى قىلىش، تۇغماس قىلىۋېتىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش، ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ئارقىلىق ئائىلىسىدە نازارەت قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سۈرگۈن قىلىش، ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، پەرزەنتلىرىدىن ئايرىش، مىللىي، دىنىي كىملىكىنى چەكلەش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى بىرمۇبىر بايان قىلىپ ئۆتتى.

مۇنەۋۋەر خانىم باياناتىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيا رەھبەرلىرىنى، ب د ت باشلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە چاقىردى. شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىنىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىشقا، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە، ھەتتا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىردى.

يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى رەئىسى سەتەنئاي كانار خانىم سۆز قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ زۇلمىدا قالغان قىز-ئاياللار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. بىز ئۇلار ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىشىمىز كېرەك. قىز-ئاياللار ھەر كۈنى، ھەر ۋاقىت قىممەتلىكتۇر» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ھۆر دەۋا پارتىيەسىدىن مەريەم كىراز خانىم سۆز قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بىر تەن ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز-ئاياللارنىڭمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمما دۇنيا خەلقىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملىرىنى كۆرمەس بولۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ھىجاب سەپەرۋەرلىك مۇنبىرىنىڭ ئىستانبۇل ۋەكىلى مۈرۋەت جەنگىز خانىم خەلقئارانىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارغا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي چەكلىمە ۋە ھەرخىل زۇلۇملىرىغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئىگە بولۇش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتايغا قارشى مەزكۇر يۈرۈش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى تۈركىيەنىڭ كونيادىكى ئى ھا ھا كونيا شۆبە يىغىن زالى، ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ۋەلى جامەسى ئالدى، ئادانا ئۇلۇغ جامەسى ئالدى، كاستامونۇدىكى نەسرۇللاھ مەيدانى، قارابۈكتىكى بازار ئورنى جامەسى مەيدانى، قەھرىمانماراش، قىرىقلارئەلى، بارتىن، تىرابزون، ئاديامان، ئافيون، ئانتاليا، ئەرزۇرۇم، كوجائەلى، ساكاريا، سامسۇن، بۇرسا، چاناققەلئە، چورۇم، ئاماسيا، ئايدىن، بالىكەسىر، باندىرما، چورۇم، دېنىزلى، دىيارباكىر، دۈزجە، ئەدىرنە، ئەرزىنجان، ماردىن، ئىزمىر، يالوۋا... قاتارلىق 60 نەچچە ۋىلايەت-شەھەردە ئوخشاش كۈندە ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇندىن باشقا 8-مارت دۇنيا ئاياللار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ۋە تۈركلەر ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ۋە بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تاختاي ۋە پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن يۈزلىگەن نامايىشچىلار خىتايغا قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلىدى. ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى، جۈملىدىن قىز-ئاياللارنىڭ بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش جىنايەتلىرى بايان قىلىپ ئۆتۈلدى. شۇنداقلا زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن بەش مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇلدى.

8-مارتتا يەنە ھەۋۋا تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى (ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى) قاتارلىق بىر نەچچە تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن، ئىستانبۇلدىكى گۈنەن مېھمانخانىسىدا «ھېكايەم» تېمىسىدىكى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىلىشتا ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرىدىكى قىز-ئاياللار دۇچ كەلگەن زۇلۇم ۋە دەپسەندىچىلىكلەر تونۇشتۇرۇلدى.

ماردىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى ماھىرە مۇئمىن شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز-ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان، جازا لاگېرىغا قاماش، دىنىي، مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئاياغ-ئاستى قىلىش، پەرزەنتلىرىدىن ئايرىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا، ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1015 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2022 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق