ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

ئىستانبۇلغا جايلاشقان 15-ئىيۇل شېھىتلەر ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

9-مارت ئىستانبۇلدىكى 15-ئىيۇل شېھىتلەر ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلدى.

پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى مەكتەپنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ مۇيدىنئوغلى سۆز قىلدى.

ئۇ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىدىن تېنىشقا مەجبۇرلاش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، نوپۇس چەكلەش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلدى.

كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە سۈرەت كۆرگەزمىسىگە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تولۇق ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى ۋە شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بېرىلدى.

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئەزالىرى بىر نەچچە يىلدىن بېرى مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىپ، قەرەللىك يىغىلىش، ھەرخىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەشكە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بىۋاسىتە قاتنىشىشقا يېتەكلىگەن. يېقىندىن بېرى تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلار شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەمەلىي خىزمەت قىلىدىغان ھالغا كەلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2290 قېتىم كۆرۈلدى
10/03/2022 14:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق