كۆك ئاي جەمئىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ھەرقايسى ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەقىفلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى تۈنۈگۈن يەنە بىر تۈركۈم ئەھمىيەتلىك ياردەم تارقاتتى.

9-مارت كۆك ئاي جەمئىيىتى تۈركىيەدىكى ئىگىلىك تىكلەش نىشانى بولسىمۇ، ئىمكانىيىتى يار بەرمەسلىك سەۋەبىدىن ئىش باشلىيالمىغان ياكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر بولغان ئۇيغۇرلارغا 35 دانە ئاپتوماتىك تىككۈچىلىك ماشىنىسى تارقىتىپ بەردى.

كۆك ئاي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا، خەلقئارادىكى بىر نەچچە ياردەم تەشكىلاتىغا ياردەم پىلانى تۈرى سۇنغانلىقىنى، بۇ ياردەم تۈرى تەستىقلىنىپ، 35 دانە تىككۈچىلىك ماشىنىسى ھەل بولغانلىقىنى، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق، بۇ ماشىنىلارنى ياردەمگە ئېھتىياجلىق، دەپ قارالغان 35 ئائىلىگە تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تىككۈچىلىك ماشىنىسى تارقىتىشتىكى مەقسىتىنىڭ كىشىلەرنى دائىم باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ياشىماي، ئۆزىگە تايىنىپ ئېھتىياجىنى قامداشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى، تىككۈچىلىك  ماشىنىسى تارقىتىلغانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىككۈچىلىك كۇرسىنى پۈتتۈرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ماشىنىنى ئىشلىتىپ، تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللاممۇ تارقىتىش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ، بۇ ياردەمنى سۇنغان كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىگە بەرىكەت بېرىشنى ئاللاھدىن تىلەيدىغانلىقىنى، بارلىق كىشىلەرنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپ، تۇرمۇشىنى قامداشقا تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا پەرزەنتلىرى بىلەن يالغۇز ياشاۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇر ئانا بۇ قېتىملىق ئەھمىيەتلىك ياردەمگە كۈچ چىقارغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى، ئۇلار ھەققىدە دۇئا قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ياردەم ئارقىلىق ئۆز كۈچىگە تايىنىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2432 قېتىم كۆرۈلدى
10/03/2022 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق