گوللاندىيەدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

11-، 12-مارت كۈنلىرى گوللاندىيەنىڭ دېنھاگ شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي مۇجادىلە ساھەسىدە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى.

مەزكۇر كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 11-مارت گوللاندىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان دېنھاگدىكى مېركۇرىي مېھمانخانىسىدا ئېچىلغان بولۇپ، كۇرسنى ۋاشىنگتوندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى رەئىسى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى تەشكىللىگەن.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇراھمان ئابدۇللاھ ئەپەندى،  ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەسئۇللىرىدىن ئەنۋەر مەمەت ئەپەندى، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ ئەپەندى، ئامېرىكىنىڭ گوللاندىيە ۋە بېلگىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار خادىملىرى، گوللاندىيە مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىدىن مۇستافا خامۇرجۇ، كەنان ئارسلان قاتارلىقلاردىن سىرت، يەنە لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم، گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملار ۋە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلار ئىشتىراك قىلغان.

روشەن ئابباس خانىم ۋە ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، مەزكۇر كۇرسنى ئېچىشتىكى مەقسىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ياشلارغا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى پېشقەدەملەرنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى، ياشلارنى مۇجادىلە سېپىدە زامانغا لايىق ھالدا تەربىيەلەشنىڭ ئاساس قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2207 قېتىم كۆرۈلدى
14/03/2022 17:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق