ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى

ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان بىلەن خىتاي دىپلوماتى ياڭ جيېچى 14-مارت رىم شەھىرىدە رۇسىيە-ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان بىلەن خىتاي دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ياڭ جيېچىنىڭ رىم سۆھبىتى يەتتە سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇچرىشىشنىڭ ئىنتايىن جىددىي كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ھالبۇكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشى جىددىيچىلىكنى پەسەيتەلمىگەن بولۇپ، يىغىندىن كېيىن ئاقساراينىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن ماسلاشقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گەرچە ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ يادروسى خىتاينىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى مەيدانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بولسىمۇ، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە سۆھبەتنىڭ ئەھمىيىتى قەستەن تۆۋەنلىتىلگەن ۋە سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىككى تەرەپ باشلىقلىرىنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئورتاق تونۇشقا كېلىشى ئىكەنلىكىگە مەركەزلەشتۈرگەن. پەقەت خەۋەرنىڭ ئاز بىر قىسمىدا ئۇكرائىنا، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ۋە ئافغانىستان قاتارلىق خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى تىلغان ئېلىنغان.

ئاقساراي ئېلان قىلغان قىسقا باياناتتا سۇلىۋان بىلەن ياڭ جيېچىنىڭ رىمدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى مەسىلىسىدە ماھىيەتلىك مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە يوللىرىنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئامېرىكا ئەمەلدارى تاراتقۇلارنىڭ رۇسىيەنىڭ خىتايدىن قورال-ياراغ ۋە ئىقتىسادىي ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن، رۇسىيە بۇنى رەت قىلغان، خىتاي بولسا ئامېرىكىنىڭ ساختا خەۋەر تارقاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پىرايس بۇ ھەقتە: «بىز مەيلى خىتاي ياكى باشقا ھەرقانداق دۆلەت بولسۇن، رۇسىيەگە ماددىي، ئىقتىسادىي ياكى مالىيە جەھەتتە ياردەم قىلىش مەسىلىسىگە قاتتىق دىققەت قىلىۋاتىمىز» دېگەن.

جېك سۇلىۋان يەكشەنبە كۈنى CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بىز ئاللىبۇرۇن خىتاينى ئاگاھلاندۇردۇق، بىز ھەرقانداق دۆلەتنىڭ رۇسىيەنىڭ جازا يۈرگۈزۈلۈش سەۋەبلىك دۇچ كەلگەن زىيانلىرىنى تولۇقلاپ بېرىشىگە قەتئىي يول قويمايمىز» دېگەن.

ئامېرىكا يەنە خىتاينى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزگەن بىيولوگىيەلىك ۋە خىمىيەۋىلىك قورال سىناقلىرى توغرىسىدىكى يالغانچىلىقنى تارقىتىشىغا ياردەم بەردى، دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ قانداق ھەرىكەتلەرنى قىلسا، ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تېخى ئېنىق بىلدۈرمىگەن. ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسى ئىنتايىن قاتتىق  بولۇپ، تاللاشنى خىتاينىڭ ئۆزىگە قويغان.

24-فېۋرال رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، خىتاي رۇسىيە بىلەن بولغان دوستلۇقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولۇپ، پۇتىننى ئۇكرائىنادىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە چاقىرىق قىلىنغان تەلەپلەرنى رەت قىلغان. ئەمما نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىنادا دۇچ كەلگەن كۈچلۈك قارشىلىقى ۋە غەربنىڭ قاتتىق جازاسىدىن ھەيران قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1329 قېتىم كۆرۈلدى
15/03/2022 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق