رۇسىيە خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا يولىنى ئۈزدى

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن يولغا قويۇۋاتقان «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىدىكى ياۋروپا تۆمۈر يول قاتنىشىنى ئۈزۈپ قويغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 15-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، خىتاي رۇسىيە تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ۋە ئالدىنقى ھەپتە رۇسىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بۇ ئۇرۇشنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىكەن.

ئۇكرائىنا شەرقىي ياۋروپا بىلەن غەربىي ياۋروپانىڭ كېسىشىش ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك يولنىڭ بىر قىسمى ئۇكرائىنادىن ئۆتىدىكەن. ئۇكرائىنادا مۇھىم تاشيول ۋە تۆمۈر يول تورى بار بولۇپ، خىتاي ئۇنىڭغا تايىنىپ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي 2019-يىلى رۇسىيەدىن ئېشىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان. 2021-يىلى خىتاينىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئومۇمىي سودا سوممىسى 18 مىليارد 980 مىليون دوللار بولۇپ، 2013-يىلدىكى سودا مىقدارىغا سېلىشتۇرغاندا %80 كە يېقىن ئاشقان. 2021-يىلى ئۇكرائىنانىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتى 8 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىقى تۆمۈر رۇدىسى، كۆممىقوناق ۋە ئاپتاپپەرەس يېغى ئاساس قىلىنغان. ئۇكرائىنا خىتايدىن ئاساسلىقى ماشىنا ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرى ئىمپورت قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 10 مىليارد 970 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن.

ئۇرۇشتىن ئىلگىرى خىتاي بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان پويىزلارنىڭ %2ى ئۇكرائىنادىن ئۆتىدىغان بولۇپ، باشقا تۆمۈر يول قاتنىشى پولشا، رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيەدىن ئۆتىدىكەن. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىغا ئەگىشىپ، غەرب يوللانما شىركەتلىرى ئاسىيا-ياۋروپا تۆمۈر يوللىرىنى ئىشلىتىشنى ئازايتقان ياكى تۆمۈر يول ئارقىلىق رۇسىيەگە بېرىپ-كېلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان. نەتىجىدە بۇ رايوندا خىتاينىڭ تۆمۈر يول قاتنىشى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.

بۇ سەۋەبلىك، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇل ئەسلىھەلىرىگە سالغان مەبلىغى رۇسىيە تاشلىغان بومبىلار بىلەن ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. ئۇندىن باشقا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى قوللاش خىتاينىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1367 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2022 10:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق