ئىستانبۇلدا «دەۋا يولىدىكى ياشلار» نامىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، 15-مارت كەچتە ئىستانبۇلدا «دەۋا يولىدىكى ياشلار» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، 15-مارت كەچتە ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئاقدېڭىز زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت يېڭى نەسىل ھەرىكىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە تۆت يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئەزالىرىدىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى سېپىدىكى پېشقەدەملەر، تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. پائالىيەت بۇرھان قارىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى، ئارقىدىن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى ئوقۇلدى.

ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، ھەرىكەتنىڭ تۆت يىل ئىلگىرى يەتتە ئەزا بىلەن قۇرۇلغانلىقىنى، نۆۋەتتە بولسا ئەزاسىنىڭ 200 گە يەتكەنلىكىنى، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ تۈرلۈك جەھەتلەردە ئاكتىپ پائالىيەت قىلغاندىن سىرت، ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەردە ياكى ئىشلەۋاتقان ئورۇنلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىم قويۇلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ۋەتەندىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، ھىجرەت قىلغاندىن كېيىنمۇ دەۋانى تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە يىلتىز تارتقۇزغان مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، مەرھۇمنىڭ ئىزباسارى، ھەرىكەتنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكاننى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتە ئۈچ مىليون ئەتراپىدا شەرقىي تۈركىستانلىق بارلىقىنى، لېكىن شۇنىڭغا لايىق ھەرىكەتلەرنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى سېپىدە ياشلارنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، شۇڭلاشقا دەۋا سېپىدىكى ياشلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ياشلارنىڭ زېھنىنى ۋە ۋاقتىنى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايغا قارشى سەپكە ئۆتمىگەن كىشىلەرنىڭ ھېلىھەم خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە نىسبەتەن خىتايدىن باشقا دۈشمەن يوقلۇقىنى، بارلىق ھەرىكەتنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىگە قارىتىش كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئاساسىي پىرىنسىپلارغا قارشى پىكىر، ھەرىكەتلەردىن ھوشيار بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن خۇرشىدە خانىم سۆز قىلىپ، جەمئىيەت رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى ۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنى ھەرۋاقىت قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى دوكتور جەلال ئەرباي سۆز قىلىپ، كەلگۈسىنىڭ ياشلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، دەۋا سېپىدىكى ياشلار بىلەن، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ ھامان بىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىدا لەپىلدەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ياشلار مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر ھەمكارلىق جەمئىيىتىدىن تىبەت يۈجە تۈرك سۆز قىلىپ، ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ۋارىسلىق قىلىشى ئۈچۈن، چوقۇم ئۆزىنى بۇ ساھەدە يېتىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى سالاھىدىن تۇرسۇن سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن ھىجرەت قىلىپ چىققانلارنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى، بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ مۇيدىنئوغلى ھەرىكەتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە كەلگۈسى خىزمەت پىلانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىگە قاراشلىق ياشلار مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇسەمى خوتەن مەركەزنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، ياشلارنى تەرتىپكە سېلىش ۋە يېتەكلەش مەقسىتىدە، 2021-يىلى مەزكۇر ياشلار مەركىزىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى، بۇ جەرياندا مەركەزنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاتا-ئانىسىز ياكى ۋەلىيسىز قالغانلىقى سەۋەبلىك، ھاياتى نورمال تەرتىپتىن چىققان ياشلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن يېتەكلەشنى ئاساس قىلغانلىقىنى، ئۆلىمالار بىرلىكىدىكى ئۇستازلارنىڭ دەۋەتلىرى ئارقىلىق، ئۇلارغا ئۆز كىملىكىنى تونۇتۇشقا تىرىشقانلىقىنى، نەتىجىدە بالىلاردا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئەزالىرى ئىچىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئابدۇسەمى خوتەن، مەردان ئۇيغۇر قاتارلىق 20 نەچچە ئاساسلىق ئەزاغا سوۋغات ۋە خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلىندى. ئاخىرىدا يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئەزالىرى تەشكىلات قەسىمى بېرىپ، ھەرىكەت مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىش، ئىلاھىي ئادالەت بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللامنىڭ باشچىلىقىدا قىلىنغان دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1875 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2022 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق