ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ (IHH) ياشلار شۆبىسى 15-مارت ئىستانبۇلدىكى مەمۇرلار ئۇيۇشمىسى بىناسىدا «شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

پائالىيەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا داۋام قىلغان بولۇپ، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە تارىخىي شەھەرلىرى سىن ۋە سۈرەتلەر بىلەن تونۇشتۇرۇلدى. نۇزۇگۇم جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى سۈرەتلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىق تونۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتىكى رەزىل مەقسەتلىرىدىن بىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق يۇتۇۋېلىش ئارقىلىق، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىش، ئاخىرىدا دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى كونترول قىلىش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئىنسانلارنىڭ ئالدى بىلەن خىتاينى ياخشى تونۇشى، خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىكى «شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم يوق» دېگەندەك سەپسەتىلەرگە ئالدىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مۇنەۋۋەر خانىم شۇ كۈنى كەچتە يەنە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ ئاياللار شۆبىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا ئاياللار شۆبە ئەزالىرى ۋە قىز ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان بولۇپ، مۇنەۋۋەر خانىم مەزكۇر يىغىندىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. يىغىنغا ئىشتىراك قىلغۇچىلار خانىم-قىزلار بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆز ئەتراپىدىكىلەرگە كەڭ تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1935 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2022 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق