تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى بالىكەسىردە بىر قىسىم ئورگانلارنى زىيارەت قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت بۈگۈن تۈركىيەنىڭ بالىكەسىر ۋىلايىتىدە خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرازاق ئۇجات، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىم ۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن، بۈگۈن تۈركىيەنىڭ بالىكەسر ۋىلايىتىدە خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

زىيارەت داۋامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ خەلقئارالىق بېسىم ۋە نارازىلىقلارغا قارىماي ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ھەيئەت ئارقىدىن يەنە ئىلىم تارقىتىش جەمئىيىتىنىڭ بالىكەسىر شۆبىسىنى ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ بالىكەسىر ۋىلايەتلىك شۆبىسىنى زىيارەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2130 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2022 17:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق