بىشكەكتە يەنە بىر ئۇيغۇر مەسچىتى قەد كۆتۈردى

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە يەنە بىر ئۇيغۇر مەسچىتى بىنا قىلىنغان بولۇپ، تۈنۈگۈن رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر مەسچىت قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن تۇرسۇنتاي سەلىموفنىڭ دادىسى ئابلىز ھاجى نامىدا سېلىنغان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىغا قىرغىزىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلىرىدىن نۇرغۇنلىغان مېھمانلار ئىشتىراك قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى قەۋەتلىك سېلىنغان مەسچىتنىڭ كۆلىمى 750 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، تەخمىنەن 1500 ئادەم سىغىدىكەن. ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىشكەك شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلىرى قاتناشقاندىن سىرت، قىرغىزىستان دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇفتىسى زەمىر قارى رەكىب، توختەمۇشۇف مەقسەتھاجى قاتارلىق دىنى زاتلار ئىشتىراك قىلغان. مەسچىتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، تەبرىك سۆزى قىلىش تەرىقىسىدە نەچچە يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.

مۇراسىمدا مۇفتى توغانباي ئابدۇقاھاروف تۇرسۇنتاي سەلىموفقا تون كىيگۈزگەن. ئۇندىن باشقا مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان جامائەتمۇ تۇرسۇنتاي سەلىموفقا دوپپا، تون كىيدۈرۈپ، رەھمەتلىرىنى بىلدۈرگەن.

مەسچىتنىڭ لايىھە ۋە بېزەكچىلىك ئىشلىرىغا قىرغىزىستاندىكى داڭلىق رەسسام تەلئەت مىراخىموفنىڭ ئوغلى پەرھات مىراخىموف ئاساسلىق كۈچ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭغىمۇ سوۋغات تەقدىم قىلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4061 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2022 17:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق