15-مارت «ئىسلام ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش كۈنى» قىلىپ بېكىتىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 15-مارت كۈنىنى «خەلقئارا ئىسلام ئۆچمەنلىكى (ئىسلامفوبىيا)گە قارشى تۇرۇش كۈنى» قىلىپ بېكىتتى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە ئەزا 193 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن ھەر يىلى 15-مارت «ئىسلام ئۆچمەنلىكى (ئىسلامفوبىيا)گە قارشى تۇرۇش كۈنى» دەپ بېكىتىلگەن. بۇ تەكلىپنى پاكىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان.

چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىغان بۇ قاراردا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىرىشچانلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى دىنلار ئارا دىيالوگقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىنسانىي ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىش، دىن ۋە ئېتىقادنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئاساس قىلغان كەڭ قورساقلىق ۋە تىنچلىق مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىنغان. قاراردا يەنە كىشىلەرنىڭ دىنى، ئېتىقادى ۋە ئۇلارنىڭ دۇئا-تىلاۋەت سورۇنلىرىغا قارىتىلغان بارلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر ۋە قىلمىشلاردىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.

بۇ قاراردا بارلىق ئەزا دۆلەتلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسىدىكى ئورگانلار، خەلقئارا ۋە رايونلۇق تەشكىلاتلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە دىنىي تەشكىلاتلار ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ھادىسىلىرىگە قارشى تۇرۇش تونۇشىنى ئاشۇرۇش ۋە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىرىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەنە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئۆچمەنلىك پىكىرلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن خەلقئارانى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ 2001-يىلى يۈز بەرگەن 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئەۋجىگە چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس خەلقئارا جەمئىيەتتە مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بارلىق دۆلەتلەرنى ئىسلام دۈشمەنلىكى سەۋەبلىك ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن كەمسىتىش قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىك مەسىلىسىگە مەسئۇل ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئەھمەد شەھىد: «نۇرغۇن دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار بىخەتەرلىك تەھدىتىنى باھانە قىلىپ، مۇسۇلمانلارغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4292 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2022 11:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق