ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى

16-مارت ياۋروپا پارلامېنتىدا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانىي ھوقۇق كىرىزىسلىرى ھەققىدە چوڭ كۆلەملىك يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى.

مەزكۇر يىغىندا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئاساسلىق تېما بولغاندىن سىرت، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئىشتىراك قىلغان.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلاپ كەلگەن گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى دوكتور ئادرىيان زېنز ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا تور ئارقىلىق قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.

دوكتور ئادرىيان زېنز خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرىغا قامالغان خەلقنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپلا قالماي، يەنە لاگېر سىرتىدىكى خەلقنىمۇ «نامراتلىقنى تۈگىتىش» نامىدا سىستېمىلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ جىنايەتلەرگە ماسلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يولغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» ئوخشاش كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى كېرەكلىكىنى، بۇ جىنايەتلەرگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1295 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2022 13:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق