تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئورگانلاردا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

16-مارت تۈركىيە «ياش ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى» ۋە تۈرك ياشلار ۋەقفىنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ رايونىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم 16-مارت چۈشتىن كېيىن «ياش ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى»نىڭ ئاياللار كومىتېتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم شۇ كۈنى كەچتە يەنە تۈرك ياشلار ۋەقفىنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ رايونىدا لېكسىيە سۆزلەپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى مۇناسىۋەتلىك سۈرەت، ۋىدىيولار ۋە ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق تەپسىلىي بايان قىلدى.

پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم بارلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما ئەھۋالنىڭ بۇنچىلىك ئېغىر ۋە ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى، بۇ لېكسىيە ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى بىلەن قايتىدىن تونۇشۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 2248 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2022 13:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق