تەشكىلاتلار بىرلىكى بالىكەسىردە يەنە كۆپلىگەن ئورگانلارنى زىيارەت قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت تۈركىيەنىڭ بالىكەسىر ۋىلايىتىدىكى زىيارىتى داۋامىدا يەنە بىر قىسىم ئورگانلارنى زىيارەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرازاق ئۇجات، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىم ۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت 16-مارت كەچتە ئالتىئەيلۈل رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ھەسەن ئاۋجىنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەتنى ھەسەن ئاۋجى ئەپەندى ئۆز ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. سۆھبەت داۋامىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلدى. ھەيئەت ئاخىرىدا ھەسەن ئاۋجى ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە بايراق چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئارقىدىن بالىكەسىر ۋىلايەتلىك ياشلار ۋە تەنتەربىيە مۇدىرلىقىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بالىكەسىردىكى يەنە بىر قىسىم جامائەت ئەربابلىرى ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى بۈگۈن يەنە مۇھەررەم ھاسبى ئانادولۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇپ لېكسىيە سۆزلىدى. ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئەپەندى ۋە ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنياغا كەلتۈرگەن تەھدىتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ھەيئەت ئارقىدىن يەنە بالىكەسىر ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى پىروفېسسور، دوكتور ئىلتەر قۇش ئەپەندى ئۇلارنى ئۆز ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. زىيارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى. ئاخىرىدا ئىلتەر ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە بايراق چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلىندى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 2093 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2022 16:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق