ئامېرىكىدا خىتاينىڭ بەش ئالاھىدە خادىمى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇلدى

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى بەش كىشىنى خىتاي رېجىمىنىڭ ئالاھىدە خادىمى سۈپىتىدە نازارەت قىلىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر دېلوسى پارلامېنت نامزاتىغا چېتىلىدىكەن.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 16-مارت ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى خىتاي رېجىمىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى نامىدا قارشى پىكىردىكى شەخسلەرنىڭ ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىنى توپلاش، ئۇلارغا قارا چاپلاش، تەھدىت سېلىش، ھەتتا زوراۋانلىق ھۇجۇمى پىلانلاش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان، ئىككى خىتاي پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان. ئۇلار ھەققىدە ئۈچ تۈرلۈك دېلو تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، بۇ دېلولارنىڭ بىرى بىر پارلامېنت ئەزاسى نامزاتىغا چېتىلىدىكەن.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ دېلولارنى خىتاي رېجىمىنىڭ چەت ئەلدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي رېجىمىنىڭ چەت ئەلدىكى ئۆزىگە قارشى چىققۇچىلارغا قانداق ۋاسىتىلەر بىلەن تەھدىت سېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر خىتاي خادىملىرى خىتايغا قارشى پىكىردىكى شەخسلەرنى نازارەت قىلغاندىن سىرت، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئامېرىكىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. مەسىلەن: بىر خىتاي خادىمى مەلۇم بىر ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى نامزاتىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، شەخسىي تەكشۈرگۈچى ياللاپ، سىياسىي سەتچىلىك ئويدۇرۇپ چىقىشقا ئۇرۇنغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر سابىق ئەمەلدارى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ ئەيىبلەشلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، سايلامغا قول تىقىش ۋە چەت ئەلدىكى يامان غەرەزلىك تەسىر كۈچ قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى بولۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1129 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2022 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق