ئامېرىكا خىتاينىڭ يەنە ئىككى تېلېگراف شىركىتىنى چەكلىدى

ئامېرىكا فېدېراتىپ ئالاقە كومىتېتى 16-مارت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ ئىككى تېلېگراف شىركىتىنىڭ ئامېرىكا تەۋەلىكىدە ئىشتاتلىق ۋە خەلقئارالىق ئالاقە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى توختاتتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا فېدېراتىپ ئالاقە كومىتېتى خىتاي تېلېگراف شىركەتلىرىدىن «تىنچ ئوكيان تور چەكلىك شىركىتى» ۋە ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى تارماق شىركەت «شىنتۇڭ شىركىتى»نىڭ ئامېرىكىدا ئىشتاتلىق ۋە خەلقئارالىق ئالاقە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى توختاتقان. بۇ قارارنىڭ چىقىرىلىشىدا فېدېراتسىيە ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، بىكار قىلىش ۋە توختىتىش بۇيرۇقىدا مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن 60 كۈن ئىچىدە دۆلەت  ئىچىدىكى بارلىق مۇلازىمىتىنى توختىتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، فېدېراتىپ ئالاقە كومىتېتى بۇلتۇر 3-ئايدا تىنچ ئوكيان تور چەكلىك شىركىتى ۋە شىنتۇڭ شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەل قىلىشى زۆرۈر بولغان ئېغىر ئەندىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، ئامېرىكا ئىجرائىيە ئورگانلىرى ۋە پۇقرالارنى مەزكۇر ئىككى خىتاي شىركىتىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرغان.

كومىتېت بۇ قارارنى ئېلان قىلغاندا، چەكلەش تەدبىرىنىڭ بىر قاتار سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «تىنچ ئوكيان تور چەكلىك شىركىتى ۋە شىنتۇڭ شىركىتى خىتاي ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا تەۋە بولۇپ، خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. مۇستەقىل ئەدلىيە نازارەتچىلىكى ھەمدە يېتەرلىك قانۇنىي تەرتىپ بولمىغان ئەھۋالدا، خىتاينىڭ تەلىپىنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

ئامېرىكا فېدېراتىپ خەۋەرلىشىش كومىتېتى بۇ قېتىممۇ ئىلگىرى خىتاينىڭ باشقا تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلغاندا ئوخشاش سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ يىل 2-فېۋرالدا فېدېراتىپ خەۋەرلىشىش كومىتېتى خىتاي بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلغانىدى. ئۇندىن باشقا خىتاي تېلېگراف شىركىتى ۋە خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدا تىجارەت قىلىشىمۇ چەكلەنگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1123 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2022 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق