سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىككى ئۇيغۇر خەتەر ئىچىدە تۇرماقتا

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ھەمدۇللاھ ۋەلى داموللام بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ھەمدۇللاھ ۋەلى داموللامنىڭ قىزى سۇمەييە ئايتۈرك بۇ ھەقتە خەلقئاراغا مۇراجىئەت قىلدى.

ياردەم چاقىرىقىدا: «18-مارت ئەتىگەن دادام ھەمدۇللاھ ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزى ئاكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىن پايتەخت رىيادقا يۆتكەلگەن خەۋىرىنى ئاڭلىدۇق. دادام بىلەن نۇرمۇھەممەت روزى ئاكىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى بىردەمچىلىك ئىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە بىز قورقۇنچلۇق خەتەر ئاستىدا قالدۇق. شۇڭا تۈركىيە ۋە خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈم مەيدانىغا ئىتتىرىلىشىگە قاراپ تۇرماسلىقىنى، ئىككى ئاجىز قىزنىڭ دادىسىز يېتىم بولۇپ قېلىشىنى كۆرمەس بولۇۋالماسلىقىنى، بۇ مەسىلىدە بىزگە جىددىي ياردەم قىلىشىنى سورايمىز» دېيىلدى.

ھەمدۇللاھ ۋەلى 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارغان بولۇپ، كېيىن خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك يول تاقىلىپ قالغاچقا، تۈركىيەگە قايتىپ كېلەلمىگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ھەمدۇللاھ ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى تۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن. شۇندىن بۇيان سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئۇلارنى بىگۇناھ تۇتۇپ تۇرماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامىتى بار ئىكەن.

ئۇندىن باشقا بۇلتۇر 19-ئىيۇل خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن كاسابىلانكا ئايرودۇرۇمىدا تۇتۇپ قېلىنغان ئىدرىس ھەسەن ھازىرمۇ ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ماراكەش سوت مەھكىمىسى بۇلتۇر 15-دېكابىر ئىدرىس ھەسەن ھەققىدە ئاخىرقى قارارىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلىنغانىدى. گەرچە بۇ قارار ھازىرغىچە ئىجرا قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىدرىس ھەسەن يەنىلا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە تۇرماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1571 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2022 16:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق