تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيەنىڭ باتمان ۋە بالىكەسىر ۋىلايەتلىرىدىكى بىر قىسىم ئورگانلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرازاق ئۇجات، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىم ۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 17-مارت تۈركىيەنىڭ بالىكەسىر ۋىلايىتىدىكى زىيارىتى داۋامىدا يەنە ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ بالىكەسىر شۆبىسىنى  زىيارەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە كۈنتەرتىپتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە بالىكەسىر ۋىلايىتى ئالتىئەيلۈل رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇردى.

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىممۇ 17-مارت تۈركىيەنىڭ باتمان ۋىلايىتىدە ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ باتمان شۆبىسى ئاياللار بۆلۈمى تەشكىللىگەن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى، بايلىقلىرى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2104 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2022 17:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق