شى جىنپىڭنىڭ بايدېنغا تەھدىت سېلىشى دىققەت قوزغىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ بايدېنغا تەھدىت سېلىپ: «تەيۋەن مەسىلىسى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ 18-مارت ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن بىلەن سىن ئارقىلىق كۆرۈشكەندە، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ سەزگۈر ۋە مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، ئەمما ئامېرىكا تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى ئەڭ مۇھىم قوللىغۇچىسى ۋە قورال بىلەن تەمىنلىگۈچىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىنى خاتا چۈشىنىپ، خاتا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، بايدېنغا تەھدىت تەرىقىسىدە: «تەيۋەن مەسىلىسى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بەرمەكتە، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك» دەپ جار سالغان.

ئاقساراي بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بايدېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارىتا بىر تەرەپلىمە ئۆزگەرتىشكە ھەر دائىم قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولسا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ بايدېنغا ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بىر قىسىم مۇتەخەسسىلەر شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىدىن رۇسىيە بىلەن يىراقلىشىش نىيىتىنى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى مەسئۇلىيەتنى قارشى تەرەپكە ئىتتىرىش تەرىقىسىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1281 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2022 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق