ئىستانبۇل بىلەن ۋان ۋىلايەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئىستانبۇلنىڭ زېيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى چىرپىچى ئىجتىمائىي پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.

مەزكۇر پائالىيەت 18-مارت «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى» قۇرۇلغانلىقنىڭ 94 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

ئابدۇسالام ئەپەندى پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيەلىك ئورنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم 18-مارت تۈركىيەنىڭ ۋان ۋىلايىتىگە جايلاشقان يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.

پائالىيەت يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلىرى ۋە «ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى»نىڭ ۋان شۆبىسىدىكى خانىم-قىزلار ئىشتىراك قىلدى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم پائالىيەتتە لېكسىيە سۆزلەپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇردى ھەمدە خىتاينىڭ نۆۋەتتە خەلقئارادا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى كونترول قىلىش ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، تۈرك دۇنياسىغا ھۇجۇم قىلىشتەك رەزىل نىشانى بارلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتتىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ خەۋەردار بولغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھەرۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2295 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2022 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق