دوكلات: خىتاي ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ تىبەتكە كىرىشىنى سىستېمىلىق چەكلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تىبەتكە كىرىش ئەھۋالى دوكلاتى» نامىدا ئەڭ يېڭى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا خادىملىرىنىڭ تىبەتكە كىرىشى يەنىلا بېيجىڭنىڭ سىستېمىلىق چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 18-مارت يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دىپلوماتلىرى، ئەمەلدارلىرى، ژۇرنالىستلىرى ۋە ساياھەتچىلىرىنىڭ تىبەتنى تەكشۈرۈش خىزمىتى 2021-يىلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىستېمىلىق توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۆتىنچى قېتىملىق پارلامېنتقا سۇنغان تىبەتكە كىرىپ تەكشۈرۈش ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتتا يۇقىرىقى مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى 2018-يىلى «تىبەت ساياھىتى ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش قانۇنى» نى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ قانۇن كېيىن پىرېزىدېنت ترامپ تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان. بۇ قانۇندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئۇدا بەش يىل تىبەتكە كىرىش مەسىلىسى ھەققىدە ئامېرىكا پارلامېنتىغا دوكلات سۇنۇش تەلەپ قىلىنغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە،  خىتاي دائىرىلىرى 2021-يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىرى ۋە خادىملىرى ھەمدە مۇخبىرلىرىنىڭ تىبەتكە كىرىپ ساياھەت قىلىشىنى سىستېمىلىق چەكلىگەن.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، تىبەت رايونىغا كىرمەكچى بولغان خەلقئارالىق زىيارەتچىلەر، چەتئەللىك ژۇرنالىستلار، دىپلوماتلار ۋە باشقا ئەمەلدارلار رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن ساياھەت ئىجازىتى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تىبەت رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. رايونلۇق ھۆكۈمەت بەزىدە بېيجىڭنىڭ ئىلتىماسنى رەت قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ رەت قىلغان. گەرچە تىبەت رايونىغا ساياھەتكە بېرىش ئىلتىماسىنى 2021-يىلى تەستىقلىتىش بىر ئاز ئاسان بولغان بولسىمۇ ئەمما سەزگۈر كۈنلەردە دائىم چەكلەنگەن.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاي ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھيۇستوندىكى باش كونسۇلخانىسىنى تاقىۋەتكەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىۋەتكەندىن بۇيان، تىبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم رايونلارغا بولغان ساياھەت چەكلىمىسىنى كۈچەيتكەن. بۇ ۋەقە سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ تىبەت رايونىغا كىرىشى قاتتىق چەكلەنگەن. ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىدىكى خىزمىتى توختىتىلغاندىن بۇيان، تىبەت دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچى خادىملىرىنىڭ تىبەت رايونى ياكى تىبەتنىڭ باشقا رايونلىرىنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 985 قېتىم كۆرۈلدى
21/03/2022 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق