ئاۋسترالىيەدە «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇر» تېمىسىدا زور نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئاۋسترالىيەنىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئاۋسترالىيەدىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلار ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە باستۇرۇشلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىش 20-مارت «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇر» تېمىسىدا ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلەيد، مىلبورن، سىدنېي، بىرىزبېن، ۋىكتورىيە قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، سىدنېي ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، بىرىزبېن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا تەشكىللەندى. نامايىش خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماش، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىگە قارشى ئۆتكۈزۈلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2131 قېتىم كۆرۈلدى
21/03/2022 15:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق