خىتاينىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

خىتاي شەرقىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بوئىن 737 تىپلىق ئايروپىلانى گۇاڭشى ئۆلكىسى تېڭ ناھىيەسىدە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئايروپىلاندا 132 ئادەم بار ئىكەن.

گۇاڭشى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ۋە كونترول قىلىش نازارىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن رايونغا يېقىنلاپ قالغان بولۇپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى تېخىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

خىتاي ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 21-مارت خىتاي شەرقىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بوئىن 737 تىپلىق ئايروپىلانى كۇنمىڭ-گۇاڭجۇ لىنىيەسىدە ئۇچۇۋاتقان بىر پەيتتە، ۋۇجۇ ھاۋا بوشلۇقىدا مەركەز بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. نۆۋەتتە ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى. ئايروپىلاندا 123 يولۇچى، 9 نەپەر ئايروپىلان خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 132 ئادەم بار ئىكەن.

جيېميەن خەۋەرلىرى تورى بەييۈن ئايرودۇرۇمىنىڭ رەسمىي سۇپىسى ئارقىلىق خىتاي شەرقىي ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MU5735 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ نورمال ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئىگىلىگەن. بۇ ئايروپىلان 21-مارت سائەت 13 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە كۇنمىڭ چاڭشۈي ئايرودۇرۇمىدىن قوزغۇلۇپ، 14:52 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭجۇ بەييۈنگە يېتىپ بارماقچى بولغان.

«ئىنتايىن توغرا» ناملىق ئەپ APP نىڭ كۆرسىتىشىچە، MU5735 نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 14 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە 8869.68 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇۋاتقان بولۇپ، ئاخىرى 14:22 مىنۇت ئۆتكەندە  1333.5 مېتىر ئېگىزلىكتە غايىب بولغان.

خىتاي «خەلق گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن شۇ يەردىكى كىشىلەر تەرىپىدىن سىنغا ئېلىنغانلىقى گۇمان قىلىنغان سىنلار تارقالغان بولۇپ، سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، ئايروپىلاننىڭ پارچىلىرى تاغلىق رايونغا چۈشكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1457 قېتىم كۆرۈلدى
21/03/2022 16:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق