مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈن ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلگەن «داۋاملىشىۋاتقان ئىسلام ئۆچمەنلىكى، ئافغانىستان، كەشمىر ۋە پەلەستىن مەسىلىسى» ھەققىدىكى 48-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشغالىيەتچى خىتاينىڭ كۆزەتكۈچى ئەزا سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغانلىقى ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى بارلىق ئەزا دۆلەتلەرگە قىلغان خىتابىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە: «قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، تۈركچىدە "دوست يىغلىتىپ ئېيتار" دەيدىغان بىر بىر سۆز بار، بۈگۈن دوستلار مەجلىسىدە تۇرۇپتىمىز، ئۆزىمىزدىكى مەسىلىلەرنى دادىل تىلغا ئېلىپ، ئالدى بىلەن ئۆز ئۆيىمىزنى قانداق ئوڭشايمىز، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. دۇنيا ئىنتايىن قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ياۋروپادىكى ئۇرۇش ھەممەيلەنگە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، مەنپەئەتلەر ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنىڭ ئالدىغا ئۆتكەن، ئەخلاقىي قىممەت قاراشلار ئاجىزلاشتۇرۇلۇشقا ئۇرۇنۇلۇۋاتقان بىر مەزگىلدە تۇرماقتىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرۈپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى قىسقىچە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە: «كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىسىملىرى ئۇرۇش، تېررور، ئەلەم ۋە قەتلىئاملار بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى، ئىشغال ئاستىدىكى قۇددۇستا ئەسىرلەردىن بۇيان ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قېلىپ كەلگەن مۈلۈكلەر مۇسادىرە قىلىنماقتا، غەربىي تىراكيادا يەتتە ئەسىرىدىن بۇيان، سىپرۇستا بەش ئەسىردىن بۇيان ئىسلامنى جانلىق تۇتۇپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمان تۈركلەر 21-ئەسىردە ئەقەللىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالدا تۇرماقتا. كەشمىردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنماقتا، ياۋروپادا ئىسلام ئۆچمەنلىكى كۈچەيمەكتە، خىتايدا ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار دىنىي كىملىكلىرىنى ۋە مىللىي مەدەنىيەتلەرنى قوغداپ قېلىشتا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا، ئەڭ كۆپ مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان ھىندىستاندا ياغلىق چىگىش ھوقۇقى رەت قىلىنماقتا، روھىنگا مۇسۇلمانلىرى بولسا دۇنيانىڭ نەزىرىگىمۇ ئېلىنمايدىغان ھالدا تۇرماقتا، لىۋىيە، سۇرىيە، يەمەندە قېرىنداشلارنىڭ قانلىرى ئاقماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

 

ئۇ سۆزىدە يەنە: «ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەھۋالىنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ بېقىشىمىز، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «مۇسۇلمانلار بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ، بەدەندىكى بىر ئەزا كېسەل بولسا، باشقا ئەزالارمۇ بىئارام بولىدۇ» دېگەن ھەدىسىنى تىلغا ئالدى ۋە: «ئىسلام دۇنياسى سارايىۋودىن ئۈرۈمچىگە، باھچەسارايدىن سەنئاغىچە، مالىدىن موروغىچە خىلمۇخىل دەردلەر ئىچىدە تۇرماقتا. ئۇنداقتا قالغان دۆلەتلەر مۇسۇلمانلار بۇ ئەھۋاللارغا قۇلاق سېلىۋاتامدۇق؟ جامۇ كەشمىرنىڭ سالاھىيىتىنى ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە كۆز يۇمۇش توغرىمۇ؟ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرمەسكە سېلىش توغرىمۇ؟» دەپ سوئال قويدى. ئاخىرىدا ئۇ: «مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن جېدەللەشسۇن دېمىدۇق، دەل ئەكسىچە ئىسلام دۆلەتلىرى مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشلىتەيلى دەۋاتىمىز» دەپ سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 964 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2022 19:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق