تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار يىغىنى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 22-مارت پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 48-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى كۆز بويامچىلىق قىلمىشلىرىغا ئالدانماسلىققا ۋە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىمۇ مۇھىم تېما سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىردى. مەزكۇر چاقىرىق ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا سۇنۇلدى.

مەزكۇر يىغىندا ئىسلام ئۆچمەنلىكى، ئافغانىستان، كەشمىر ۋە پەلەستىن مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇنداق مۇھىم يىغىنغا خىتاينىڭ تەكلىپ قىلىنىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ۋە ئەزا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە پاسسىپ بولۇشى ۋە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىپ، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە ۋەھشىيلەرچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر تەشكىلاتقا كۆزەتكۈچى ئەزا بولۇپ قوبۇل قىلىنىشى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق يىغىنىغا سۆز قىلغۇچى سۈپىتىدە قاتنىشىشى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش نىشانى، شوئارى ۋە مەجبۇرىيىتى نۇقتىسىدىن زور خاتالىق ۋە ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بۇنىڭ ئىنتايىن چوڭ خاتالىق بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: «بۈگۈن پاكىستانغا چېگراداش شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىلماقتا. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەر ۋەيران قىلىندى، قۇرئان ۋە دىنىي كىتابلار كۆيدۈرۈلدى، ئۆلىمالار تۇتقۇن قىلىندى ياكى ئۆلتۈرۈلدى، دىنىي ئىبادەتلەر چەكلەندى ۋە جىنايەت دەپ بېكىتىلدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقنى ئىسلام دىنىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس جازا لاگېرلىرى تەسىس قىلىنىپ، دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئىجرا قىلىندى. مەجبۇرىي ئەمگەك، مال-مۈلۈكلەرنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى، ئاياللارنىڭ ئاياغ-ئاستى قىلىنىشى، بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا مىللىي كىملىك ۋە دىنىي ئېتىقادتىن خالىي تەربىيەلىنىشى، ھەج قىلىش، مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ چەكلىنىشى قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى شەرقىي تۈركىستاندا كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. بۇ جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىشغالىيەتچى خىتاي تەرىپىدىن بىۋاسىتە پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ئىجرا قىلىنماقتا.

مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئىسلام دۇنياسىنىڭ، جۈملىدىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئورگىنى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە دادىل قەدەم ئالماسلىقى، ئەكسىچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئالاھىدە يىغىنلارغا تەكلىپ قىلىنىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر خاتا پوزىتسىيە ھېسابلىنىدۇ. غەرب دۆلەتلىرى ئىنسان ھەقلىرى نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ پاسسىپلىقى ۋە سۈكۈت قىلىشى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى ئاقلىشىغا ۋە تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا داۋاملاشتۇرۇشىغا پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرمەكتە».

 

باياناتتا يەنە: «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە نوپۇزىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى بۇ قېتىملىق يىغىندا ئىسلامئابادقا ئانچە يىراق بولمىغان شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىش مەسىلىسىنىمۇ جىددىي مۇزاكىرە قىلىشقا، شەرقىي تۈركىستانغا كۆزەتكۈچى ئەۋەتىشكە، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى ساختىپەز تاشقى سىياسەتلىرىگە ئالدانماسلىققا ۋە ئۈنۈملۈك قارارلارنى چىقىرىشقا چاقىرىمىز» دەپ تەكىتلەندى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1796 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2022 19:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق