ئامېرىكا يەنە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويدى

ئامېرىكا چېگرا ھالقىپ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويدى.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 21-مارت خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان ساياھەت چەكلىمىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللەتلەر ھەمدە دىنى ئېتىقادچىلارغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە زەربە بېرىش قىلمىشلىرى سەۋەپلىك يېڭىدىن ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئانتونى بىلىنكېننىڭ ئېيتىشىچە، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان ۋىزا چەكلىمىسى باشقا مىللەت ۋە دىنىي ئېتىقادچىلار، ئۆكتىچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلارنى باستۇرۇشقا مەسئۇل ياكى باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى نىشان قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما قايسى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى، چەكلىمە قويۇلغان ئەمەلدارلار سانىنىڭ قانچە ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن.

بىلىنكېن سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى توختىتىش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

بىلىنكېن سۆزىدە، خىتاينى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرغان بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا بولسا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتى پەقەت خىتاي ئىچىدە داۋاملىشىپ قالماي، ھەتتا خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ، ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى. ئامېرىكا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ باشقا مىللەت ئەزالىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش، قورقۇتۇش، كۆزىتىش ۋە تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىغا، جۈملىدىن چەتئەللەردە بىخەتەر پاناھلىق ئورۇن ئىزدەۋاتقان مىللەتلەرگە ياكى ئاجىز خەلق ئۈچۈن ئۈن چىقارغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قۇرقۇتۇش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەر بولغان.

بىلىنكېن يەنە، خىتاي ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى رەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قاراتقان ۋىزا چەكلىمىسى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن سىن ئارقىلىق سۆھبەتلىشىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. سۆھبەتتە، بايدېن شى جىنپىڭغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوللىماسلىققا قايىل قىلماقچى بولغان بولسىىمۇ، سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشقانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 856 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2022 21:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق