ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا خىتايغا زەربە بولىدىغان بىر تەكلىپ سۇنۇلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى ئىككى پارتىيە ئەزالىرى خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى سودىدا ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن چىقىرىپ تاشلاش ھەققىدە تەكلىپ سۇندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇزۇندىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كىرىس سىمىس 22-مارت ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ سودىدا مەڭگۈلۈك ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

سىمىسنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايەتلىرىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى سودىدا مەڭگۈلۈك ئېتىبار بېرىلىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى سودىدا ئېتىبارغا ئېرىشىش ئورنىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئورنى بىلەن قايتىدىن باغلاش تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى يەنە دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن توم سۇزى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن توم تىفىنى قاتارلىق ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى بىرلىكتە سۇنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئامېرىكا ھەر يىلى خىتاينىڭ سودىدا ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر يىلى ئېتىبار بېرىلىش مۇددىتى ئۇزارتىلغان. 1989-يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تيەنئەنمېن ھەرىكىتىنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پارلامېنتى 1990-يىلى خىتاينىڭ سودىدا ئېتىبارغا ئېرىشىش سالاھىيىتىنى ئۇزارتماسلىقنى قارار قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قارار پىرېزىدېنت چوڭ بۇش تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 828 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2022 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق