تۈركىيەنىڭ بارتىن ۋىلايىتىدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

19-مارت تۈركىيەنىڭ بارتىن ۋىلايىتىدە «ياش ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى» تەشكىللىگەن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاساسى تېما قىلىنغان پائالىيەتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

مەزكۇر پائالىيەت بارتىن ۋىلايىتىدىكى ئوقۇتقۇچىلار مېھمانخانىسى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېت قىز ئوقۇغۇچىلىرى ئىشتىراك قىلغان. شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم «ياش ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى»نىڭ تەكلىپى بىلەن پائالىيەتكە قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىگەن.

مۇنەۋۋەر خانىم پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك سۈرەت، ۋىدىيولار ۋە ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق تەپسىلىي بايان قىلغان.

پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمدىن مەلۇم دەرىجىدە خەۋىرى بارلىقىنى، بۇ لېكسىيە ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى بىلەن قايتىدىن تونۇشۇپ چىققانلىقىنى، ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ۋە ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئۇندىن باشقا 22 -مارت چۈشتىن كېيىن ئى ھا ھا يېتىملار خىزمەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە بۆلۈمىدىكى مەسئۇللار، جۈملىدىن ئى ھا ھا ئاياللار شۆبىسىنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرىدىن مۇزەييىن تاشچى خانىم، خەدىچە خانىم قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى باش ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلغان.

زىيارەت جەريانىدا ئىككى جەمئىيەتنىڭ بۇندىن بۇرۇن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ھەمكارلىق خىزمەتلىرىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا زىچ ھەمكارلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1998 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2022 14:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق