«ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئېلان قىلىندى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن «ئىسمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 22-مارت ئىستانبۇلنىڭ بەيئوغلۇ رايونىدىكى تاكسىمغا جايلاشقان ئاتلاش كىنوخانىسىدا تۇنجى قېتىم قويۇلدى.

تۈلئاي گۆكچىمەن خانىمنىڭ رېژىسسورلۇقىدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن «ئىسمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى تۈرمە ياكى جازا لاگېرلىرىغا تاشلاپ،  سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى، بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈرمىلەردە ياكى جازا لاگېرلىرىدا قانداق قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغانلىقى، خىتاينىڭ ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى، كۈلتۈرىنى قوغداش  يولىدا قانداق كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىدىكى سەۋەبلىرى قاتارلىق نۇقتىلار گۇۋاھچىلارنىڭ شاھىتلىقى ھەمدە تۈرلۈك يوللار بىلەن ئېنىقلانغان دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا 500 گە يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، پىروفېسسور، دوكتور يۇسۇف قاپلان فىلىم باشلىنىشتىن ئىلگىرى سۆز قىلىپ، مەزكۇر فىلىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى سۆز قىلىپ، رېژىسسور تۈلئاي گۆكچىمەن خانىمنىڭ پۈتۈن دۇنيا كۆرمەس بولۇۋالغان، شەرقىي تۈركىستاندا ئوچۇق-ئاشكارا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تۈركىيە ۋە خەلقئارادا تونۇشتۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆججەتلىك فىلىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان تۈلئاي گۆكچىمەن خانىم ئۆزىنىڭ نەچچە يىلدىن بېرى تۈرلۈك جايلارغا بېرىپ، ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەنلىكىنى، ئەمما «ئىسمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەشتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك گۇۋاھچىلارنى بىرمۇبىر زىيارەت قىلىپ، ئىسپات توپلىغانلىقىنى، ھۆججەتلىك فىلىمىنى ئىشلەشكە ھەرقايسى جەھەتلەردىن ھەمكارلاشقان كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن تۈلئاي گۆكچىمەن خانىم ھۆججەتلىك فىلىمدە ئۆز كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تۈركچە بۆلۈمى مەسئۇلى مۇھەممەد ئەلى ئاتايۇرت قاتارلىق شاھىتلارغا گۈل تەقدىم قىلدى. شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىممۇ تۈلئاي گۆكچىمەن خانىمغا ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە قولدا كەشتىلەنگەن خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، كىنوخانىنىڭ كىرىش زالىغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلغان سۈرەتلەر قويۇلۇپ، كۆرگەزمە قىلىندى.

تۈلئاي گۆكچىمەن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، «ئىسمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم تەخمىنەن بىر ئاي ئىچىدە يۇتيۇبتا قويۇلىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1227 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2022 10:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق